ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 164 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 164 – سان

2021-11-26

سۈرىيە

ئاخىرقى يىللاردا خىتاي ۋىرۇىسى ۋە ئاپەتلەرنىڭ كۆپ بولىشى نەتىجىسىدە خەلقئارا بازادا ئۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە. 2020-يىلى بىر توننىسى 205دوللار بولغان ئۇننىڭ بۇ يىلى 285 دوللارغا ئۆسۈپ كېتىشى ۋە تۈرك لىراسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن نان كىرزىسى سەۋەبىدىن ئازاد بولغان رايۇندا 23-چىسلا قۇتقۇزۇش ھۆكۈمىتىنىڭ باش شۇرا كېڭىشى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىكى توپلىنىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ۋە ناننىڭ باھاسىنى تەڭشەشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدى، يىغىنغا تەھرىرشام ئەسكىرى قوماندانى ئەبۇ مۇھەممەد جەۋلانىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىن جەريانىدا «ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت ئادەم كۈچى بايلىقىنى قوغداش مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قوللاش ئارقىلىق بولىدۇ. تەربىيىلەنگەن ۋە ئۈنۈملۈك ئادەم كۈچى بولمىسا ، ئىقتىساد گۈللىنەلمەيدۇ. دېھقانچىلىقنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا ئازاد قىلىنغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تايانچ كۈچى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
مۇزاكىرە جەريانىدا قۇتقۇزۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئەبۇ مۇھەممەد جەۋلانى نان ئىشلەپ چىقىرىش شىركەتلىرىگە 3 مىليۇن دوللار ياردەم قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ 600 گىراملىق ناننىڭ باھاسىنى 2.5 لىراغا مۇقۇملىدى. يىغىن جەريانىدا يەنە ئازاد بولغان رايۇنلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇغداي ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنداقلا سىرتقا تايىنىپ قېلىشنى ئازايتىش تۇغرىسىدا پىلانلار ئۇتتۇرىغا قۇيۇلدى.

خىتاي

22-چىسلا شى جىنپىڭ 10 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ زومىگەرلىك قىلىپ بۇ رايوندىكى «كىچىك» قوشنىلىرىنى بوزەك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، سىنئالغۇ يىغىنى ئارقىلىق 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئافغانىستان ۋەزىيىتى، تۈرك كېڭىشىنى قۇرۇلۇشى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي دېڭىز ئەتراپىدىكى ھەركەتلىرىگە ئۇخشىغان بىر قاتار مەسلىلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ئۆز رايونىدا يالغۇز قېلىش ۋەياكى قورشاۋدا قېلىشتىن ئەنسىرەپ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
بۇ يىغىندا شى جىنپىڭ خىتاي يېڭى رايون سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك» دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەيۋەن


خىتاي بىلەن سۈركىلشىشى كۈچىيىۋاتقان تەيۋەن يېقىندىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىن كېلىۋاتقان ھەربىي تەھدىتكە قارشى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
تەيۋەننىڭ رەھبىرى سەي ئىڭۋېن 18-چسىلا 64 دانە زامانىۋىلاشقان «F16V» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن چىئاي شەھىرىدىكى ئايرودرومدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى.
زامانىۋىلاشقان بۇ كۆرەشچى ئايروپىلانلار تەيۋەننىڭ 141 ئايروپىلاندىن تەركىپ تاپقان F-16 فىلوتىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. سەي يىڭۋىن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە: زامانىۋىلاشتۇرۇش تۈرى تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە سانائىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېدى.

ھىندىستان

ئىگىلىنىشچە، ھىندىستان كېلەر ئاي روسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالىدىكەن. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 17-چسىلا روسىيەنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستان S-400 سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىم زاپچاسلىرىنى ھاۋا ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىغان.
ھىندىستان تەرەپ S-400 ھاۋا مۇداپىئە سستىمىسىدىن 5 يۈرۈش سېتىۋالدىغان بولۇپ، خىتاي ۋە پاكىستان چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭ خىتايغا قارشى دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سەۋەبىدىن ھىندستانغا قۇيغان جازانى بېكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن 21-چىسلا ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا مۇنداق دېدى: گەرچە پرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى بارغانسىرى زېھنىنى خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتكە قاراتقان بولسمۇ، بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بولغان ۋەدىمىز يەنىلا ساقلىنىدۇ.
دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بايدېننىڭ بۇ رايونغا قاراتقان ئەھمىيەتىدىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ گۇمان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى.
لويىد ئوستىن بەھرەيىننىڭ پايتەختى مانامادىكى بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە سۆز قىلغاندا رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەندىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ھازىر ئامېرىكىنىڭ ھازىر پەقەت خىتايغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرقتدىكى ئىتىپاقداشلىرىغا: «ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسى كۈچلۈك ۋە قەتئىي» دېدى.

فىرانسىيە

22-چسىلا فىرانسىيە دۆلىتى قوللىغان، ئەمما بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بىر دىنىي ئىشلار كېڭىشى فرانسىيىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كېڭەشكە ئىماملارنى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەربىيىلەش ھوقۇقى بېرىلگەن.
پارىژ مەسچىتى ۋە 3 مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى قۇرغان 26 ئەزادىن تەركىب تاپقان فرانسىيە ئىماملار كېڭىشى بۇ دۆلەتتىكى ئىماملارنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. فىرانسىيەدە ئىمام بولماقچى بولغانلار بۇ كېڭەشنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.
ئۆتكەن يىلى، فىرانسيە ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك ئىماملار كېڭىشى قۇرۇپ، چەتئەلىكلەرنىڭ فرانسىيەدىكى مۇسۇلمان پۇقرالارغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram