ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 166 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 166 – سان

2021-12-10

سۈرىيە

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى پارلامېنتى 2-چسىلا تۈركىيەنىڭ خاتاي ئۆلكىسىنى «ئىسكەندەرۇن سانجاق» دەپ ئاتىدى ۋە «تۈركىيەنىڭ ئىسكەندەرۇننىڭ سانجاقنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 82 يىللىقىدا بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى ئەيىبلىدى» دەپ بايان قىلدى.
پارلامېنت باياناتىدا «خاتاينىڭ سۈرىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ«بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىسكەندەرۇن سانجاقنى تۈركىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش. سۈرىيە ھۆكۈمىتى تارتىۋېلىنغان يەرلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 6-چىسلا كېچىدە سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھىرى لازىقىيا پورت رايونىنى نىشانلىغانلىقى بايان قىلىندى.
سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ SANA ئورگىنى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ يەر ۋاقتى 01:23 ئەتراپىدا لازىقىيا پورتىدىكى كونتېينېر رايونىنى ئوتتۇرا دېڭىز يۆنىلىشىدىن نىشانلىغان.
يېقىنقى كۈنلەردە ئىسرائىلىيە دۆلەت ئىچىدە ئىران قوللىغان ياللانما كۈچلەرگە قارىتا ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. لازىقىيا پورتى سۈرىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پورت ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈرىيىگە كىرىدۇ.

ئافغانىستان

7-چسىلا ئافغانىستان مەنبەلىرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل باش دىرېكتورى ئابدۇلقادىر جىلانى 6-چسىلا جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئېچىپ ئافغانىستان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى پروگراممىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا

6-چسىلا ئاقساراي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئولىمپىكقا ھۆكۈمەت ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى پەقەت تەنھەرىكەتچىلەرلا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈدى.
ئاقساراي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:«خىتاينىڭ شىنجاڭدا سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ، بىز 2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھېچقانداق دىپلومات ياكى رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەيمىز».
خىتاينى «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا سورالغاندا ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن: «شۇنداق».دەپ جاۋاپ بەرگەن.

7-چىسلادىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن تەمىنلەش زەنجىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى سودا رامكىسىنى ئورنىتىشقا قوشۇلدى.
تەيبېيدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گىنا رايموندو سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن ئىقتىساد مىنىستىرى ۋاڭ مېي خۇا بىلەن سىنئالغۇ يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئامېرىكا-تەيۋەننىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇزاكىرە قىلغان.
بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ باشقۇرۇشىدا ھاسىل قىلىنغان تۇنجى كېلىشىم بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيەتتە، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان تەيۋەن ئارالى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ياپونىيە

2-چىسلا ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىق تەسىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىتاي تەيۋەن بىلەن بولغان ھەر قانداق كرىزىسنىڭ ياپونىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك.
ئابى شىنزو تەيۋەن ئاقىللار ئامبىرى ئۇيۇشتۇرغان مۇنبەردە سىن يىغىنى ئارقىلىق سۆز قىلىپ ، خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە تەيۋەنگە قاراتقان ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ، ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقنى خىرەلەشتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە

2022-يىلى 4-ئايدا فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ئۆزىنىڭ كاندىدات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىرقچى سىياسەتچى ئېرىك زېممور پارتىيىسىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پارتىيىسىنىڭ نامىنى «قايتا قۇرۇش» دەپ ئاتىغانلىقى ئىنكاس قوزغىدى.
ئىسلامغا ۋە كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان زېممور قوللانغان بۇ ئىسىم ئەندەلۇس دەۋرىدە خىرىستىيانلارنىڭ ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەسلى ئالجىرىيەلىك يەھۇدىي بولغان ئىرقچىلىق نامزاتى بولسان زېممىور ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىلىشىدا فرانسىيىگە كېلىۋاتقان مۇساپىرلارنى قەتئىي قۇبۇل قىلمايدىغانلىق ۋەدىسىنى بەرگەن.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram