ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 147 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 147 – سان

2021-07-30

سۈرىيە

بىر نەرچچە كۈن ئىلگىرى، ئەسەد كۈچلىرى 24-ئىيۇندىن باشلاپ قۇرشاۋغا ئالغان دەرئا ئەل-بالاد شەھەر مەركىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەل-ساراي تەكشۈرۈش پونكىتىنى قايتىدىن ئاچقانلىق خەۋرى تارقالغان بولۇپ، 27- چىسلاغا كەلگەندە قورال تاشلاشنى رەت قىلغان يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئەسەد كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىك خەۋرى كەلمەكتە.

ئافغانىستان

26-چىسلا كەچ  ھىلمېند ۋىلايىتىنىڭ ناد ئەلى رايونىدا كابۇل ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەۋە  Mi-17 تىپلىق تىك ئۇچار تالىبانلار تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.

28- چىسلادىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تالىبان سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى رەسمىي باشلىغان. زىيارەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى، ھەر قايسى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر توغرىسىدا بىر قاتار مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئۆزبېكىستان

ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۆزبېكىستان، 28- چېسلا رەسمىي ھالدا قارار ماقۇللاپ، دۆلەت تىل-يېزىقىنى ھازىرقى رۇسچە سىلاۋىيان يېزىقىدىن، ئەسلىدىكى لاتېنچە يېزىققا ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش ۋە ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىنى تولۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن،  پۈتۈن دۆلەت ئورگانلىرىدا ئۆزبېكچە سۆزلەش قاتارلىق بىر تۇتاش يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويدى.

بۇ قارار رۇسىيەنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قەتئىي ھالدا بۇ قارارنى ماقۇللىدى.

ھىندىستان

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ماخاراشترائىشتاتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتتە بۇ ئىشتاتتا ئاز دېگەندە 149 ئادەم قازا قىلغان، 50 ئادەم يارىلانغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ماخاراشترا ئىشتاتىنىڭ بۇ يىل 7 ـ ئايدىن بۇيانقى ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 40 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش ئايدىكى ھۆل ـ يېغىن مىقدارى ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 7 ـ ئايدىكى ئادەتتىكى ھۆل ـ يېغىن مىقدارىدىن %45 كۆپ ئىكەن.

خىتاي

7-26- كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خېنەن ئۆلكىسىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر نەتىجىسىدە كەلكۈن ئاپىتى كېلىپ چىقتى، رايۇن مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا  كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە 69 ئادەم ئۆلگەن. پۈتۈن ئۆلىكىدە 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈرۈلگەن. 22

خىنەن مىتىرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىنياڭ، شاڭچيۇ ، كەيفىڭ ، پۇياڭ ، شىنشياڭ ، خىبى ۋە ئەنياڭ قاتارلىق رايونلاردا يەنە قاتتىق يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرش بېرىلگەن.

22- ۋە 23- چىسلا، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جېڭجۇ شەھىردىكى جيالۇ دەرياسى تېشىپ كونترولدىن چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان. شۇنداقلا، لوياڭ شەھىرىدىكى يىخېتەن توسمىسىدا 20 مېتىرلىق يېرىق شەكىللىنىپ توسمىنىڭ ھەر ۋاقىت يېرىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

فىرانسىيە


فرانسىيەنىڭ لوئېر رايونىدىكى بىر مەسچىت ئىمامىنىڭ قۇربان ھېيت خۇتبىسىدە ئوقۇغان ئايەت ۋە ھەدىسنى «جۇمھۇرىيەتنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت» دەپ قارىغان فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 24- چېسلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ ئىمامنى ئىشتىن بوشاتقان.  

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Check Also
Close
Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram