ھەپتىلىك خەۋەر

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 168 – سان

ئىسلام ئاۋازى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى 168 – سان

2021-12-23

ئامېرىكا

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى جازالاش تىزىملىكىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى DJI شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ 8 تېخنىكا شىركىتىنى قوشتى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا، تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلانى بىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئىز قوغلىشىغا ئاكتىپ ياردەم قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھەربىي تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە بۇ ئاكادىميىك بىلەن  مۇناسىۋەتلىك 11 تەتقىقات ئورنىنى سودا قارا تىزىملىكىگە قوشقان بولۇپ، سودا پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويدى.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېنگيۇ بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىنكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكىنى خاتا قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز. بېيجىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتايدىكى كارخانا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. خىتاينىڭ بىئوتېخنىكا تەرەققىياتى ئەزەلدىن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسى پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېدى.

سۈرىيە

16-چسىلادىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيەنىڭ باشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق SANA خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى گولان ئېگىزلىكىدىن پايتەخت دەمەشىقنىڭ يېزىلىرىدىكى ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغان.

ھاكىمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ھۇجۇمدا بىر ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئورتاقلاشتى. 2011- يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىسرائىلىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران قوللاپ كەلگەن ياللانما ئەسكەرلەرگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە.

سەئودى

18-چسىلا تۋىتتېر شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان دىنىي زات ئابدۇلئەزىز تەرىفىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىنى پۈتۈنلەي تاقىدى.

تەرىفىنىڭ 1 مىليوندىن كۆپرەك ئەگەشكۈچىلىرى بار بولۇپ، ھېساباتىغا ئالدى بىلەن تەستىقلاش ئۈچۈن «كۆك چەكمە» بەلگىسى قويۇلغان ، ئاندىن ئۇنىڭ tweet ئۆچۈرۈلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئابدۇلئەزىز تارىفىنىڭ تور بېتىنى تاقاپ ، كىتابلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەن.

ئافغانىستان

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا جىددىيلىكى تالىبانلار ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان مەزگىلدە يەنە داۋام قىلماقتا.

21-چسلا تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاسانلانغاندا، ئىسلام ئىمارىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرى، نانگارخار ۋىلايىتى پارچاۋ رايونى تەرەپتىن ئافغانىستان تۇپرىقىدا سىڭىپ كىرىپ زېمىن كېڭەيىتمەكچى بولغان پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ تىكەنلىك سىملىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، گوشتا رايونىنىڭ چېگراسىدىكى پاكىستان ئارمىيىسى تۈنۈگۈن ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى ئايرىپ تۇرىدىغان دۇراند لىنىيىسىنى بۇزۇپ ئافغانىستانغا كىرگەن.

گېرمانىيە

ئىگىلىنىشچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى مالىدىن ئەسكەرلىرىنى باشقا دۆلەتكە چېكىندۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقان ئىكەن

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې 19-دېكابىر «گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇلارنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئىشى» دېدى ۋە تولۇقلاپ ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ئەسكەرلىرى قاتناشقان بارلىق چەتئەل ھەربىي ۋەزىپىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ مالىدا 1500 ئەتراپىدا ئەسكىرى بار.

ئوكرائىنا

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى روسىيە تەرەپتە ھەربىي كۈچلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن ، دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايغا خەندەك كولاپ چىقتى.

خەندەك ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بىلەن روسىيە قوللىغان بۆلگۈنچى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى 400 كىلومىتىرلىق چېگرا لىنىيىسىنى بويلاپ قېزىلغان بولۇپ، ئۇكرائىنا قىسىملىرى ئىسسىقلىق كامېراسى ۋە دۇربۇن بىلەن دۈشمەن تەرىپىدىكى ئەسكەر ۋە ئۈسكۈنىلەرگە كۈزىتىپ تۇرماقتا.

ھىندىستان، ئافغانىستان، ياپۇنىيە، خىتاي، ئامېرىكا، مالى،

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسى ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى

چۈشۈرۈش 720p

چۈشۈرۈش 480p

مۇناسىۋەتلىك تېما

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button
قايت
WhatsApp
Telegram